Abduxkur 发表于 2021-1-12 19:05:42

ئىسمى ئاسانلا خاتا ئاتىلىپ قالىدىغان ئالما مەھسۇلاتلىرى

ئىسمى ئاسانلا خاتا ئاتىلىپ قالىدىغان ئالما مەھسۇلاتلىرى

ھازىر ئالما مەھسۇلاتلىرى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىزغا سېڭىپلا كەتتى. ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى ۋە ئىسىملىرىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. شۇنىڭغا ئەگشىپ ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئارلاشتۇرۇپ قويۇش، ياكى قايسى مەھسۇلاتنىڭ ئىسىمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئۇقالماسلىق ئەھۋاللىرىمۇ كۆپەيدى. تۆۋەندە بۇ ھەقتە ئالمىنىڭ ئاسانلا خاتا ئىسىمدا ئاتىلىپ قالىدىغان بىر قانچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.ئالما كومپىيۇتېرى MacBook Pro ۋە Mac ProئادەتتەMacBook Pro ۋە Mac Pro نى تولا ئارلاشتۇرۇپ قويىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسى بىر مەھسۇلات ئەمەس. ئالما كومپىيوتېرلىرى چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ، يەنى خاتېرە كومپىيۇتېر ۋە ئۈستەل يۈزى كومپىيۇتېرى.ئالما خاتېرە كومپىيۇتېرلىرى MacBook ، MacBook Air ۋە MacBook Pro قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئالما ئۈستەل كومپىيۇتېرلىرى iMac ، Mac mini ۋە Mac Pro قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.شۇڭا MacBook Pro بولسا ئالما خاتېرە كومپىيۇتېرى، Mac Pro بولسا ئۈستەل يۈزى كومپىيۇتېرىدۇر.ئالما مەشخۇلات سىستېمىسى
بەزىلەر macOS ۋە iOS نى تولا ئارلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئالمىنىڭ كومپىيۇتېردا ئىجرا بولىدىغان مەشخۇلات سىستېمىسى macOS دىيىلىدۇ ( m ھەرپى كىچىك يېزىلىدۇ ). كۆچمە ئۈسكىنىلەردە مەسىلەن iPhone ، iPad قاتارلىقلاردا ئىجرا بولىدىغان سىستېما iOS دىيىلىدۇ. لىكىن iOS 13 دىن باشلاپ iPad تە ئىجرا بولىدىغان iOS سىستېمىسى iPadOS دەپ ئاتالدى. مەسىلەن iPadOS 13 ۋە يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغان iPadOS 14.AirDrop ۋە AirPlayبۇ ئىككى ئاتالغۇمۇ دائىم ئارلىشىپ كىتىدۇ. AirDrop بولسا ئالما ئۈسكۈنىلىرى ئارىسىدىكى سىمسىز ھۆججەت يوللاش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. AirPlay بولسا فىلىم ياكى ناخشىنى تېلېۋىزور ياكى ياڭراتقۇدا قويىدىغان ئىقتىداردۇر. AirDrop نى دۆلەت تىلىدا 隔空投送 دەيمىز. AirPlay نى 隔空播放 دەيمىز. دېمىسىمۇ دۆلەت تىلىدىكى ئاتىلىشى راستىنلا بەك يېقىن كىلىپ قالغان.EarPods ۋە AirPodsEarPods بولسا ئالما تېلىفۇننىڭ زاۋۇتتىن بىللە چىقىدىغان تىڭشىغۇچىدۇر. AirPods بولسا سىمسىز كۆچ چىشلىق تىڭشىغۇچىدۇر. ھازىر Apple AirPods مۇ بازارغا سېلىندى.ئالما قول سائېتىئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ تولاسىنىڭ ئىسمى «i» دىن باشلىنىدۇ. ئەمما، ئالما قول سائېتى Apple Watch دىيىلىدۇ، iWatch ئەمەس. ئالما قول سائىتىنىڭ مەشخۇلات سىستېمىسى watchOS دىيىلىدۇ.ئالما يېنىك نۇسخا خاتېرە كومپىيۇتېرىئالما يېنىك نۇسخا خاتېرە كومپىيۇتېرى MacBook Air دىيىلىدۇ. Mac Air ئەمەس.ئالما ئەپ بازىرىئالما ئەپ بازىرى App Store دىيىلىدۇ. Apple Store ئەمەس.

页: [1]
查看完整版本: ئىسمى ئاسانلا خاتا ئاتىلىپ قالىدىغان ئالما مەھسۇلاتلىرى