TASAWUR5uW2S8dM 发表于 2020-5-28 11:12:18

ئالما خاتىرە كومپيۇتېرلىرى ئۈچۈن boot camp6.0 قوزغاتقۇچىسى





ئالما خاتىرە كومپيۇتېرلىرى ئۈچۈن boot camp6.0 قوزغاتقۇچىسى
(苹果笔记本电脑启动器)



تىشلىقمۇ تورداشلار !
بۈگۈن سىلەرگە boot camp6.0 نەشرىنى ئېلىپ كەلدىم . ئەلۋەتتە كۆپلىگەن تورداشلار boot camp6.0 نىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ يەنە ئاز بىر قىسىم تورداشلار بىلمەسلىكى مۇمكىن . مەن boot camp6.0 ھەققىدە ئازراق توختىلاي .
boot camp6.0بولسا بىرقوزغاتقۇچ بولۇپ ، ئالما خاتىرە كومپيۇتېرلىرىغا windows مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلىغان ۋاقتىمىزدا كومپىيوتېرنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . ئادەتتە ئالما خاتىرە كومپيۇتېرلىرىغا windows مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلىغان ۋاقىتتائالما خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىر قىسىم كۇنۇپكىلار كۇنۇپكىلار تاقالغان بولىدۇ. ۋە يەنە مائۇسنىڭ ئىقتىدارلىرى تاقالغان بولىدۇ. خۇش ئەمدى سىلەرگە تۇنۇشتۇرۋاتقان boot camp6.0 قوزغاتقۇچى بولسا ، دەل شۇنداق تاقالغان ئىقتىدارلىرىنى ئېچىش رولىنى ئوينايدىغان قوزغاتقۇچتۇر.

ئەلۋەتتە يەنە بۇ boot camp6.0 قوزغاتقۇچنى Macيەنى ئالما سىستېمىسىغا قاچىلاش ئارقىلىق ئالما كومپيۇتېرىنى قوش سىستېما قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .

ئەسكەرتمە : boot camp6.0 قوزغاتقۇچ windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ 64 بىت نۇسخىسغا ماس كېلىدۇ .

页: [1]
查看完整版本: ئالما خاتىرە كومپيۇتېرلىرى ئۈچۈن boot camp6.0 قوزغاتقۇچىسى