TASAWUR5uW2S8dM 发表于 2020-5-30 11:05:05

2020-يىلى WiFi 6نىڭ جۇڭگودىكى بازار كۆلىمى 200 مىليون دوللارغا يېقىنلىشىدىكەن



2020-يىلى WiFi 6نىڭ جۇڭگودىكى بازار كۆلىمى 200 مىليون دوللارغا يېقىنلىشىدىكەن
(2020年6月我国无线网市场达到2亿)

3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، IDC ئېلان قىلغان «جۇڭگو WLAN بازىرى 2019-يىلى 3-پەسىللىك ئىز قوغلاش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى 3-پەسىلدە WLAN بازىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 230 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، مۇقىم ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرغان. IDCنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2020-يىلى WiFi 6 زور ئالقىشقا ئېرىشىدىغان بولۇپ، پەقەت جۇڭگو بازىرىدىكى كۆلىمىلا 200 مىليون دوللارغا يېقىنلىشىدىكەن.https://cdnf.nur.cn/uploadfile/2020/0304/2020030418070674990.jpgدوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، WiFi 6 بۇلتۇر 3-پەسىلدىن باشلاپ بىر قىسىم ئاساسلىق زاۋۇتلار تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن قوللىنىلغان، تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان WiFi 6 مەھسۇلاتى 2019-يىلى 3-پەسىلدە تۆت مىليون 700 مىڭ دوللارلىق سېتىش كۆلىمىگە ئىگە بولغان.WiFi 5نىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى تارىخىي سانلىق مەلۇماتىغا بىرلەشتۈرۈپ شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، 2015-يىلى WiFi 5 مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %512كە يەتكەن، 2015-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىنى %40تىن يۇقىرى ساقلاپ، سىمسىز تور بازىرىدا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. WiFi 5 مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى 2019-يىلىدىن باشلاپ ئاستىلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى يېڭى مەھسۇلات دەۋىر ئالمىشىش باسقۇچىنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ، 2020-يىلى WiFi 6 بازارغا يۈرۈش قىلغان تۇنجى مۇكەممەل بىر يىل بولۇپ، ئالدىنقى بىر ئەۋلاد مەھسۇلاتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان بازار ئارقا كۆرۈنۈشىدە سىمسىز تور بازىرىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ.

页: [1]
查看完整版本: 2020-يىلى WiFi 6نىڭ جۇڭگودىكى بازار كۆلىمى 200 مىليون دوللارغا يېقىنلىشىدىكەن