TASAWUR5uW2S8dM 发表于 2020-6-9 13:31:49

دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى ھەققىدە(بىرىنجى دەرىجە )


دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجەئىمتىھانى ھەققىدە
(全国计算机等级考试)

بىرىنجى دەرىجە ئىمتىھانىدەرىجىسى : مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش دەرىجىسى ، كومپيۇتېر ئاساسى بىلىملىرى ۋە كومپيۇتېر   ئادەتتىكى مەشغۇلات ئىختىدارى سىنىقى ، ئىشخانا دىتاللىرىنى ئىشلىتىش ،تور بىخەتەرلىكى      سەۋىيەبىلىملىرى.پەن تۈرى : كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە   MS Office   ئىشلىتىش ، كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى   WPS Office   ئىشلىتىش ، كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرىPhotoshop    ئىشلىتىش   ۋە    تور بىلىملىرى سەۋىيەبىلىملىرى قاتارلىق تۆت پەن بار . بۇ تۆت پەندىن بىرىنى تاللاپ ئىمتىھانغا      قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولسا بولىدۇ . ئىمتىھان مەزمۇنى : " كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە    MS Officeئىشلىتىش" ، " كومپيۇتېر ئاساسىي    بىلىملىرى ۋەWPS Office    ئىشلىتىش" ، " كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە   Photoshop   ئىشلىتىش"بۇ ئۈچ تۈرئىمتىھان مەزمۇنى كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە مەشغۇلات ئىلىپ بېرىش تېخنىكىسى قاتارلىق ئىككى    تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ھەر پەننىڭ ئاساسىي بىلىملەرگەبولغان تەلىپى ئوخشاش بولۇپ ،بىلىش ۋە توغرا ئىشلىتىش ئاساس قىلىنغان ، سوئال تۈرى بولسا تاللاش سوئاللىرى ، نومۇر   نىسبىتى سوئال قەغىزىنىنڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ .(20نومۇر )ئىشخانا دىتاللىرى ئىمتىھانى ، مەشغۇلات تېخنىكا قىسمى ئاساسلىق خەنزۇچە كىرگۈزۈش ، سېستىما ئىشلىتىش ، خەت نۇسىخىسىنى تەڭشەش ، جەدۋەل ئىشلەش ،ئىشلەش ، Photoshopنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئېلىكتىرونلۇق خەت يوللاش ۋە قوبۇل قىلىشنى بىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .       ئىمتىھانى سانلىق رەسىم بىلىملىرىنى ئىگەللەش ،ئاساسىي مەشغۇل ئېلىپ بېرىش ، تىزىملىك رايونىدىكى قوراللارنى ئىگەللەش ۋە شۇلاردىن پايدىلىنىپ سىزىش ،ئۆزگەرتىش ،ياساش،رەسىم قەۋىتىنى ئىشلىتىش ،شەكىللىرى ۋە يېزىق قورالىنى ئىشلىتىشنى بىلىش قاتارلىقلارنىتەلەپ قىلىدۇ .تور بىخەتەرلىكى سەۋىيەبىلىملىرى ئىمتىھانى تور بىىەتەرلىكى ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملىرىنىبىلىش ،كومپيۇتېر تورى ۋە تور بىخەتەرلىكىدىكى ئاددي بىلىملارنى ئىگەللەش ھەمدە قانۇنىيتۈزۈم قائىدە ئۆلچەملەرنىپىششىق بىلىش ، كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدىكى ھەرخىل تور   بىخەتەرلىكە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىش ، تىپىك بولغان تور   بىخەتەرلىك قوراللىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ .

页: [1]
查看完整版本: دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى ھەققىدە(بىرىنجى دەرىجە )