دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى ھەققىدە (ئىككىنجى دەرىجە)
دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجەئىمتىھانى ھەققىدە(全国计算机等级考试)ئىككىنجى دەرىجە ئىمتىھانى دەرىجىسى : پىروگرامما لايىھەلەش ، ئىشخانا يۇمشاق دىتال يۇقىرى دەرىجىلىك قوللىنىش دەرىجىسى ،ئىمتىھان مەزمۇنى كومپيۇتېر تىلى ۋە ئاساسىي پىروگرامما لايىھەلەش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ . سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىر كومپيۇتېر تىلىنى بىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ،تاللاشقا بولىدىغان تۈرلەردىن يۇقىرى دەرىجىلىك تىل پىروگراممىسىنى لايىھەلەش تۈرى ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى پىروگراممىسىنى لايىھەلەش تۈرى ،Web پىروگراممىسىنى لايىھەلەش تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنجى دەرىجە يەنە ئىشخانا يۇمشاق دېتالىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوللىنىش ئىقتىدارى، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىش بىلىملىرىگە ئىگە بولۇشىنى ھەمدەئىشخانا يۇمشاق دېتالىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوللىنىش ئىقتىدارىنى بىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . ئەمەلىي ئىش بىجىرىش مۇھىتىدا كونكىرت قوللىنىشنى بىلىشى كېرەك . پەن تۈرى : Cتىل پىروگراممىسى لايىھەلەش ، C++ تىل پىروگراممىسى لايىھەلەش ، Java تىل پىروگراممىسى لايىھەلەش ، VB تىل پىروگراممىسى لايىھەلەش ، Web پىروگرامما لايىھەلەش ، Pythonتىل پىروگراممىسى لايىھەلەش ، Access سانلىق مەلۇمات ئامبىرى پىروگراممىسىنى لايىھەلەش ، MySQLسانلىق مەلۇمات ئامبىرى پىروگراممىسىنى لايىھەلەش . MS Office يۇقىرى دەرىجىلىك قوللىنىشتا جەمئىي توققۇز پەن تۈرى بار ، بۇ توققۇز پەن تۈر ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ ئىمتىھانغا قاتناشسا ھەمدە سىناقتىن ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ . ئىمتىھان مەزمۇنى :ئىكككىنجى دەرىجىلىك ئورۇن بەلگىلەش ئۈچۈن پىروگرامما تۈزگۈچى ، مەزمۇنى جامائەتئاساسىي بىلىملىرى ۋە پروگرامما لايىھەلەش . بارلىق پەنلەردە ئاساسىي بىلىملەرگە بىر تۇتاش تەلەپ قويۇلىدۇ ، بىر تۇتاش جامائەت ئاساسىي بىلىملىرىدىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ . ئىككىنجى دەرىجىلىك جامائەتئاساسىي بىلىملىرى ھەر قايسى پەنلەرنىڭ تاللاش سوئاللىرىدا ئىپادىلىنىدۇ . پىروگرامما لايىھەلەش قىسمىدا ئاساسلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ پىروگرامما لايىھەلەش تىلىنى ئىشلىتىش ۋەتەھرىرلەش ،تەڭشەش قاتارلىق ئاساسىي ئىقتىدارى سىنىلىدۇ ،تاللاش سوئالى ۋە مەشغۇلاتسوئالىدا ئىپادىلىنىدۇ .
页:
[1]