TASAWUR5uW2S8dM 发表于 2020-6-9 13:41:12

دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى ھەققىدە(ئۈچۈنچى دەرىجە)


دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجەئىمتىھانى ھەققىدە
(全国计算机等级考试)
ئۈچۈنچى دەرىجە ئىمتىھانىدەرىجىسى : ئىنژېنېر تەييارلىق دەرىجىسى . ئۈچ باھالاشتا قوللىنىشقا ، كەسىپكە يۈزلەنگەن ئىش ئورنى كەسپىي ماھارىتى قوللىنىدۇ . پەن تۈرى : تور تېخنىكىسى ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تېخنىكىسى ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تېخنىكىسى ، قىستۇرما سىستېما ئېچىش تېخنىكىسى ، Linuxقوللىنىش ۋە ئېچىش تېخنىكىسى قاتارلىق جەمئىي بەش پەن . بۇنىڭ ئىچىدە Linux قوللىنىش ۋە ئېچىش تېخنىكا تۈرى 2020-يىلى 9-ئايدا تۇنجى تۇنجى قېتىم ئىمتىھان ئېلىنغان . ئىمتىھان مەزمۇنى: تور تېخنىكىسى : تور پىلانلاش ۋە لايىھەلەش ، تار دائىرىلىك تور گۇرۇپپىسى تېخنىكىسى ،كومپيۇتېر تورى ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستىمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە كومپيۇتېر بىلەن باشقۇرۇش .سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تېخنىكىسى: سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قوللىنىش سىستېمىسىنى تەھلىلقىلىش ۋە پىلانلاش ،سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى لايىھەلەش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ساقلاش تېخنىكىسى ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراش ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېڭى تېخنىكىسى. ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تېخنىكىسى : ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە ئومۇمىي بايان ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئاساسىي تېخنىكىسى پىرىنسىپى ، سىستېما بىخەتەرلىكى ، تور بىخەتەرلىكى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى ۋە قانۇن-نىزاملارنى قوللىنىشكېرەك .قىستۇرما سىستېما ئېچىش تېخنىكىسى: قىستۇرما سىستېما ئۇقۇمى ۋە ئاساسىي بىلىم ، قىستۇرما شەكىللىك بىر تەرەپ قىلغۇچ ، قىستۇرما شەكىللىك سىستېما قاتتىق دېتالىنىڭ تۈزۈلىشى ، قىستۇرما سىستېما يۇمشاق دېتالى ، قىستۇرما سىستېما ئېچىش قاتارلىق بىلىم ۋە ماھارەتنى ئىگەللەش .

页: [1]
查看完整版本: دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى ھەققىدە(ئۈچۈنچى دەرىجە)