TASAWUR 发表于 2020-6-16 09:04:48

ئالما 14ios كە سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئېلىش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ

ئالما 14ios كە سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئېلىش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ
(苹果iOS 添加录音通话功能)



سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئېلىش ئاندرويد يانفونلاردا ئومۇملاشقان ئىش؛ ئالمىغا ئەمدى قوشۇلىدۇ دېسە ئالما ئىشلىتىپ باقمىغانلار ھەيران قېلىشى مۇمكىن.يېقىندا ئالمىنىڭ iOS نىڭ بىر سىستېما كەسمە رەسىمى ئاشكارىلاندى. بۇ رەسىمدە كۆرسىتىلىشىچە «تېلېفون ۋە Facetime سۆزلىشىش» كە سۆزلىشىشنى ئۈنئېلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان. «تەڭشەك» كە «سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئېلىشنى ئېچىش» دەپ تەڭشەك قوشۇلغان بولۇپ، مۇشۇ تەڭشەكنى ئاچقاندىن كېيىن سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئالغىلى بولىدىكەن.


رەسىمدىكى چۈشەندۈرۈشكە قارىغاندا، ئابۇنىت سۆزلىشىدىغان قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن سۆزلىشىشنى ئۈن ئېلىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيدۇ، ھەمدە سۆزلىشىش جەريانىدا باشقىلار بىلەن ئۈسكۈنىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ.دەرۋەقە، شەخسىيەتكە چېتىلىدىغان بولغاچقا سۆزلىشىشنى ئۈن ئېلىش بىر قىيىن مەسىلە، چۈنكى ئامېرىكا FCC نىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمىسى بار. پەقەت ئۈن ئېلىشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلسا ياكى سۆزلىشىش جەريانىدا ئۈن ئالغانلىق ھەققىدە ئاۋازلىق ئەسكەرتمە بولسا، ئاندىن ئۈن ئېلىش قانۇنلۇق بولىدۇ.گوگۇل ئىلگىرى Android 6.0 دىكى سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئېلىش API ئېغىزنى ئۆچۈرۋەتكەن.



دۆلىتىمىزدە ئۈن خاتىرىسى قانۇنىي كۈچكە ئىگە، ئۈنئالغاندا باشقىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە سۆزلەشكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىسا، ھەمدە ئۈن ئېنىق بولۇپ، يامان نىيەت بىلەن مونتاژ قىلمىسىلا (كېسىپ، ئۇلاپ ئۆزگەرتمىسە)، سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.دۆلىتىمىزدە 2015-يىلى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى، پاراڭلىشىش خاتىرىسى، يانفون قىسقا ئۇچۇرى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ۋاسىتىلەردە شەكىللەنگەن ياكى ساقلانغان ئۇچۇرلارنى ئىسپات قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىش، ئەمگەك تالاش-تارتىشى ۋە ئەلئارا ئېلىم-بېرىم دېلولىرىدا سۆزلىشىش خاتىرىسى ئۈنۈملۈك ئىسپات قىلىنىدۇ.ئالمىنىڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان WWE DC 20 يەرشارى ئاچقۇچىلار يىغىنىدا iOS 14 ئېلان قىلىنىدۇ، ئىلگىرىكى پائالىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يىللىق يىغىن توردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
页: [1]
查看完整版本: ئالما 14ios كە سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئېلىش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ