TASAWUR教育平台

标题: ئىسمى ئاسانلا خاتا ئاتىلىپ قالىدىغان ئالما مەھسۇلاتلىرى [打印本页]

作者: Abduxkur    时间: 2021-1-12 19:05
标题: ئىسمى ئاسانلا خاتا ئاتىلىپ قالىدىغان ئالما مەھسۇلاتلىرى
ئىسمى ئاسانلا خاتا ئاتىلىپ قالىدىغان ئالما مەھسۇلاتلىرى

(, 下载次数: 5446)
ھازىر ئالما مەھسۇلاتلىرى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىزغا سېڭىپلا كەتتى. ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى ۋە ئىسىملىرىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. شۇنىڭغا ئەگشىپ ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئارلاشتۇرۇپ قويۇش، ياكى قايسى مەھسۇلاتنىڭ ئىسىمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئۇقالماسلىق ئەھۋاللىرىمۇ كۆپەيدى. تۆۋەندە بۇ ھەقتە ئالمىنىڭ ئاسانلا خاتا ئىسىمدا ئاتىلىپ قالىدىغان بىر قانچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
ئالما كومپىيۇتېرى MacBook Pro ۋە Mac Pro
ئادەتتە  MacBook Pro ۋە Mac Pro نى تولا ئارلاشتۇرۇپ قويىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسى بىر مەھسۇلات ئەمەس. ئالما كومپىيوتېرلىرى چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ، يەنى خاتېرە كومپىيۇتېر ۋە ئۈستەل يۈزى كومپىيۇتېرى.ئالما خاتېرە كومپىيۇتېرلىرى MacBook ، MacBook Air ۋە MacBook Pro قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئالما ئۈستەل كومپىيۇتېرلىرى iMac ، Mac mini ۋە Mac Pro قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.شۇڭا MacBook Pro بولسا ئالما خاتېرە كومپىيۇتېرى، Mac Pro بولسا ئۈستەل يۈزى كومپىيۇتېرىدۇر.
ئالما مەشخۇلات سىستېمىسى
(, 下载次数: 5169)

بەزىلەر macOS ۋە iOS نى تولا ئارلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئالمىنىڭ كومپىيۇتېردا ئىجرا بولىدىغان مەشخۇلات سىستېمىسى macOS دىيىلىدۇ ( m ھەرپى كىچىك يېزىلىدۇ ). كۆچمە ئۈسكىنىلەردە مەسىلەن iPhone ، iPad قاتارلىقلاردا ئىجرا بولىدىغان سىستېما iOS دىيىلىدۇ. لىكىن iOS 13 دىن باشلاپ iPad تە ئىجرا بولىدىغان iOS سىستېمىسى iPadOS دەپ ئاتالدى. مەسىلەن iPadOS 13 ۋە يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغان iPadOS 14.
AirDrop ۋە AirPlay
بۇ ئىككى ئاتالغۇمۇ دائىم ئارلىشىپ كىتىدۇ. AirDrop بولسا ئالما ئۈسكۈنىلىرى ئارىسىدىكى سىمسىز ھۆججەت يوللاش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. AirPlay بولسا فىلىم ياكى ناخشىنى تېلېۋىزور ياكى ياڭراتقۇدا قويىدىغان ئىقتىداردۇر. AirDrop نى دۆلەت تىلىدا 隔空投送 دەيمىز. AirPlay نى 隔空播放 دەيمىز. دېمىسىمۇ دۆلەت تىلىدىكى ئاتىلىشى راستىنلا بەك يېقىن كىلىپ قالغان.
EarPods ۋە AirPods
EarPods بولسا ئالما تېلىفۇننىڭ زاۋۇتتىن بىللە چىقىدىغان تىڭشىغۇچىدۇر. AirPods بولسا سىمسىز كۆچ چىشلىق تىڭشىغۇچىدۇر. ھازىر Apple AirPods مۇ بازارغا سېلىندى.
ئالما قول سائېتى
ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ تولاسىنىڭ ئىسمى «i» دىن باشلىنىدۇ. ئەمما، ئالما قول سائېتى Apple Watch دىيىلىدۇ، iWatch ئەمەس. ئالما قول سائىتىنىڭ مەشخۇلات سىستېمىسى watchOS دىيىلىدۇ.
ئالما يېنىك نۇسخا خاتېرە كومپىيۇتېرى
ئالما يېنىك نۇسخا خاتېرە كومپىيۇتېرى MacBook Air دىيىلىدۇ. Mac Air ئەمەس.
ئالما ئەپ بازىرى
ئالما ئەپ بازىرى App Store دىيىلىدۇ. Apple Store ئەمەس.







欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://www.tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5