TASAWUR教育平台

标题: تېڭشۈن ئاخىرى قارار قىلدى: QQنىڭ مۇھىم ئىقتىدارى ئېتىۋېتىلدى! [打印本页]

作者: Abduxkur    时间: 2021-1-14 22:32
标题: تېڭشۈن ئاخىرى قارار قىلدى: QQنىڭ مۇھىم ئىقتىدارى ئېتىۋېتىلدى!

تېڭشۈن ئاخىرى قارار قىلدى: QQنىڭ مۇھىم ئىقتىدارى ئېتىۋېتىلدى!

تېڭشۈن تورى خەۋىرى
1ئاينىڭ 11-كۈنى تېڭشۈن كيۇكيۇ(腾讯QQ)ئامالسىزلىقتىنQQنىڭ«ھەۋەسكارلار قەبىلىسى» (兴趣部落)نىڭ مەزمۇنيوللاش، جىندۇ (金豆)غا پۇل قاچىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنىسۇپىدىن چۈشۈرۈپ، تىزىملىك يېزىش ۋە باھا يېزىش ئىقتىدارىنىلا ساقلاپقالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىق ئىقتىدارلارنىئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇلازىمىتېرنى تاقاپ، تىجارەتنى رەسمىي توختىتىدۇ.QQنىڭھەۋەسكارلار قەبىلىسى تۈرى 2014-يىلى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، كۆپ بۆلەككەبۆلۈنگەن، قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنمۇنبەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ھەۋەسكارلار قەبىلىسىنىڭ تىجارەتنىتوختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ كىشىگە ئازراق ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ، ھەتتا بەزىتورداشلار چاپلىمىدا ئۆزىنىڭ ئۇدا 2144 كۈن ئىمزا قويغانلىقىنى خاتىرىلىدى
(, 下载次数: 4210)



                               
登录/注册后可看大图

ھەسرەتلىنىش بىلەن بىرگە، ھەۋەسكارلار قەبىلىسىنىڭ قانداققىلىپ قەدەممۇ قەدەم زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنى تەھلىل قىلىپ باقساق بولىدۇ.ياشلارنى ئاساس قىلغان تور سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەۋەسكارلار قەبىلىسىئويۇن، چولپان، قىزىقىش، كارتون، ئەدەبىيات قاتارلىق بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن.2015-يىلىدىن2017-يىلىغىچە نۇرغۇن كىشىلەر قەبىلىگە بولغان قىزىقىشنى قانداق قىلىپ تېز سۈرئەتتەئۆستۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلغان. ئەگەر تېڭشۈن كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلسا، QQ ئابۇنىتلىرىنىڭسانىغا تايىنىپ، ھەۋەسكارلار قەبىلىنىڭ تەرەققىي قىلىپ «بىلىملىكلەر»، «مۇنبەر»،«يولۋاس» دېگەندەك چوڭ سۇپىغا ئايلىنالىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما تەرەققىي قىلىپمەلۇم كۆلەمگە يەتكەندىن كېيىن، ھەۋەسكارلار قەبىلىسى تۈرىگە بولغان باشقۇرۇشبارغانسىرى كۈچىيىپ، تۈرلۈك غەلىتە چەكلەنگەن سۆزلەر ئابۇنىتلارنىڭ نورمال پىكىر ئالماشتۇرۇشىغاتوسقۇنلۇق قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر تور سۇپىسىنىڭ قىزغىنلىقى ئاشقاندىن كېيىن،ھەر خىل ئېلانلارمۇ تەبىئىي ھالدا كىرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ھەۋەسكارلار قەبىلىسىدەتېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە ھەۋەسكارلار قەبىلىسىنىڭ ئويۇنبۆلەكلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېلانغا توشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئادەتتىكى ئەزالارباشقا تور سۇپىلىرىغا يۆتكەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسقا ۋىدېيونىڭ زەربىسىگەئۇچراپ، ھەۋەسكارلار قەبىلىسى تۈرى پايدا ئېلىشقا ئامالسىز قالدى

                               
登录/注册后可看大图
(, 下载次数: 4234) .

ئەمەلىيەتتە ھەۋەسكارلار قەبىلىسى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرباشقا سۇپىلاردىمۇ بار، لېكىن ئۇ سۇپىلار مۇناسىپ سىياسەتلەرنى يولغا قويدى،مەسىلەن، ئېلاننىڭ قالايمىقان قويىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئورگان تەرەپ بىلەنھەمكارلىشىپ، ئورگان تەرەپنىڭبولمىغان ھەمكارلىق ئېلانلىرىغا قاتتىق زەربە بەردى، VIP ئابۇنىتلىرىيەنە ئېلان كۆرۈشتىن كەچۈرۈم قىلىنىپ، شۇ ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.QQنىڭ ھەۋەسكارلارقەبىلىسى بۇ ئېقىمغا يېتىشەلمەي قالدى، شۇڭا شاللىنىپ كېتىشمۇ نورمال ئىش.ئۇنىڭدىن باشقا، ئەنئەنىۋى سۇپىلار گەرچە مۇناسىپ سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشئارقىلىق ئۆزىنىڭ شاللىنىپ كېتىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن قىسقاۋىدېيولارنىڭ بۇ مۇنبەرلەرگە بولغان زەربىسى بەك چوڭ، شۇنىڭ ئۈچۈنQQمۇكەسىپنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى مىكرو فىلىم ئۈستىگە قارىتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشىمۇمكىن، شۇڭا ھەۋەسكارلار قەبىلىسى تۈرى بىۋاستە تىجارەتتىن توختىتلدى.






欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://www.tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5