TASAWUR教育平台

标题: مۇشتەرى بولۇش تۈزۈمىدىكى ئەپ بازىرى Setapp [打印本页]

作者: Abduxkur    时间: 2021-1-20 20:11
标题: مۇشتەرى بولۇش تۈزۈمىدىكى ئەپ بازىرى Setapp
مۇشتەرى بولۇش تۈزۈمىدىكى ئەپ بازىرى Setapp
(, 下载次数: 4424)
مەك ئىشلتىدىغانلاغا ئايانكى، بەزى چاغلاردا پەخىرلىنىپ ئىشلىتىدىغان مەك ۋېىندوۋىسقا ئوخشاش ئۇنچىۋالا «» ئەمەس. دائىم ھەقلىق دېتال سېتىۋالىدىغان ئەھۋالغا يولۇقۇپ تۇرىمىز. لىكىن بەزى دېتاللارنى نەچچە ئون دوللار ياكى بىرە يۈز دوللارغا سېتىۋىلىش بەزى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئېغىر كىلىشى مومكىن، ئىشلەتمەي دېسە تېخى، ئىشلىتەي دېسە تېخى. ئەلۋەتتە، دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى ساغلام (پۇلى بار) لارغا نىسبەتەن ھەقلىق دېتال سېتىۋىلىش ئۇنچە ئېغىر كەلمەيدۇ.
مەك ئىشلتىدىغانلار CleanMyMac دېتالىنى ئوبدان بىلىدۇ. CleanMyMac دېتالىنى MacPaw يۇمشاق دېتال شىركىتى ياسىغان بولۇپ، MacPaw نىڭ  CleanMyMac دىن باشقا يەنە Gemini، CleanMyDrive قاتارلىق داڭلىق دېتاللىرى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان MacPaw يېڭىچە مىتودتىكى ھەقلىق دېتال سۇپىسى Setapp نى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
(, 下载次数: 4423)
Setapp بولسا مۇشتەرى بولۇش مىتودىكى ھەقلىق ئەپ بازىرىدۇر. بۇ يەردە بىز دېتالغا ئەمەس بەلكى Setapp ئەپ بازىرىغا ئايلىق، پەسىللىك، يىللىق مۇشتەرى بولۇش ئارقىلىق Setapp دىكى بارلىق دېتاللارنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولالايمىز. نۆۋەتتە Setapp دە 180 گە يېقىن كۆپ ئۇچرايدىغان ھەقلىق دېتال بار، ئايلىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 9.99 دوللار. خەلق پۇلىغا ئايلاندۇرساق تەخمىنەن بىر تەخسە داپەنجىنىڭ پۇلى.
Setapp نىڭ مۇشتەرى بولۇش تۈزۈمى قىسقا مۇددەتتە ھەقلىق دېتاللارنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باققۇسى ياكى قىسقا مۇددەتلا ئىشلىتىش زۆرۈرىيىتى بولغان دېتاللارنى سېتىۋىلىشتىكى ئاقىلانە تاللاش دىيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار، ياكى يېڭىدىن مەك ئىشلىتىشكە باشلىغانلار ئۈچۈن.
(, 下载次数: 4424)
مەسىلەن دېتالنى بىر يىللىق سېتىۋالغان بىلەن يىغىپ ئىشلىتىدىغان ۋاقتىڭىز بەلكىم بىر ئايغىمۇ يەتمەسلىكى مومكىن، بۇنداق ۋاقىتلاردا Setapp كە ئايلىق مۇشتەرى بولۇش ئارقىلىق ھاجەت بولغاندا ئىشلىتىپ، ھاجەت بولمىغاندا مۇشتەرى بولۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرساق بولىدۇ. يەنى كىلىپ Setapp تە بىرلا دېتال ئەمەس يۈز نەچچە خىل دېتال بار.
(, 下载次数: 4420)
ناۋادا بۇ يېڭىچە ھەقلىق دېتال سۇپسىغا قىززىقساڭلار Setapp ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلار ئۈچۈن Setapp ئورگان بېتىنى زىيارەت قىلغايسىلەر.





欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://www.tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5