TASAWUR教育平台

标题: كومپىيوتېرغا ئۇزۇن قاراش ھەرگىزمۇ قارىغۇ بولۇشنى كەلتۈرۈپ [打印本页]

作者: TASAWUR5uW2S8dM    时间: 2020-5-26 12:07
标题: كومپىيوتېرغا ئۇزۇن قاراش ھەرگىزمۇ قارىغۇ بولۇشنى كەلتۈرۈپ

كومپىيوتېرغا ئۇزۇن قاراش ھەرگىزمۇ قارىغۇ بولۇشنى كەلتۈرۈپ
(长时间看电脑不会眼瞎)

(, 下载次数: 2542)

كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا كومپيۇتېر ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە كەم بولسا بولمايدىغان بىر قورالغا ئايلاندى. ئۇلار دائىم كومپيۇتېر ئېكرانغا تىكىلىپ ئولتۇرىدۇ،  بۇنىڭ نەتىجىسىدە كومپيۇتېر كۆرۈش سېزىمى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى--كۆرۈش سېزىمى غۇۋالىشىش، باش ئاغرىش، كۆز قۇرغاقلىشىش، ياشاڭغىراش، قاتتىق چارچاش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر ئىچىدە كۆپ قىسىم كىشىلەردە يۇقىرىقى كېسەللىك  ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشى ۋاقىتلىق بولىدۇ، پەقەت ئۇلار كومپيۇتېردىن يىراقلىشىپ بىر مەزگىلدىن كېيىنلا بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۆزلىكىدىن يوقايدۇ. ئەمما يامان تەرىپى بولسا، قايتىدىن  كومپيۇتېرغا قاراپ ئىككى سائەتتىن كېيىن بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى يەنە قايتىدىن قوزغىلىدۇ.

                               
登录/注册后可看大图

مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كومپيۇتېرنىڭ ئىنسانلارنىڭ كۆزىگە بولغان زىيىنى قەغەزچە كىتاب ماتېرىياللارنىڭ زىيىنىدىن چوڭ. چۈنكى كىشىلەر كومپيۇتېر ئېكرانىغا قارىدىغان چاغدا كۆزنىڭ ئېچىلىش يۇمۇلۇش قېتىم سانى ئاز بولىدۇ. لوۋا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، كومپيۇتېر ئېكرانىغا قارىغان چاغدا كۆزنىڭ يۇمۇلۇپ ئېچىلىش قېتىم سانى كىتاب ژۇرنالغا قارىغان چاغدىكىدىن ئۈچتىن بىر قىسىم ئاز بولىدىكەن. كۆزنىڭ يۇمۇلۇپ ئېچىلىش قېتىم سانى ئاز بولغاندىن سىرت، يەنە باشقا بىر مۇھىم سەۋەبمۇ كومپيۇتېرنىڭ كۆزىگە بولغان زىيىنىنى تېخىمۇ زورايتىۋېتىدىكەن. كومپىيۇتېردا خەت بىلەن خەتنىڭ ئارىسىدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى كىتابقا يەتمەيدۇ، خەتنىڭ رەڭگىمۇ كىتاب ژۇرناللارغا يەتمەيدۇ. كومپيۇتېر ئېكرانىغا قارىغان ۋاقىت ئۇزۇن بولغانسېرى كۆزنى ئىشلىتىش تېخىمۇ قىيىنغا توختايدۇ، نەتىجىدە بۇ خىل مەشغۇلات ئادەمنى ئاسانلا چارچىتىۋېتىدۇ.
ئۇنداق بولسا قانداق قىلغاندا ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېر مەشغۇلاتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان چاغدا كۆزنى ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ. ئالدى بىلەن كومپيۇتېر ئېكرانغا 15-20 گرادۇسلۇق تۆۋەن بۇلۇڭدىن قاراش، كومپيۇتېر ئېكرانى بىلەن كۆزىمىزنىڭ ئارىلىقىنى تەخمىنەن 20 ياكى 28 دىيۇم ئارىلىققا توغرىلاش. ھەر 20 مىنۇت ئەتراپىدا بىر قېتىم كۆزنى ئېكراندىن ئېلىپ 20 سېكۇنت ئەتراپىدا 6 مېتىردىن يىراق جايغا قاراش. ئېكرانغا ئۇدا قارىغا ۋاقىت ئىككى سائەتكە يەتكەن بولسا كۆزنى ئېكراندىن ئايرىپ 15 مىنۇت ئارام ئالغۇزۇش. ئەگەر كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە كۆزەينەك تاقىغۇچىلار بولسا ئەڭ ياخشىسى قارا كۆزەينەك تاقىماسلىقى لازىم. قارا كۆزەينەك تاقىغاندا كۆزنىڭ قۇرغاقلىشىشى ۋە كۆزنىڭ چارچىشىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كومپيۇتېرنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە سۇيۇقلۇق كۆز دورىسىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شۇڭا پەقەت ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولسا، كۆزىمىزنى ئاسرىشىمىز مۇۋاپىق بولسا كومپىيۇتېرنى قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ كۆزىمىز ئاسانلىقچە قارىغۇ بولۇپ قالمايدۇ.






欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://www.tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5