TASAWUR教育平台

标题: دۆلىتىمىزدە 5G ئاساسىي پونكىتى كۆپەيتىلىۋاتىدۇ [打印本页]

作者: TASAWUR5uW2S8dM    时间: 2020-5-27 11:23
标题: دۆلىتىمىزدە 5G ئاساسىي پونكىتى كۆپەيتىلىۋاتىدۇ


دۆلىتىمىزدە ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق  ئاساسىي پونكىتى كۆپەيتىلىۋاتىدۇ

(我国每星期增加一万多个5G站)

(, 下载次数: 2421)


سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مياۋ ۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىزدە ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق 5G ئاساسىي پونكىتىنى كۆپەيتىلىۋاتىدۇ، 4-ئايدا 5G خېرىدارى 7 مىليوندىن ئاشتى.

مياۋ ۋېي مۇنداق دېدى: 5G بۇ يىلدىن بۇيان قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلەتتى. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، 1-، 2-، ھەتتا 3-ئايلاردا بەزى تەسىرلەرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولسىمۇ، لېكىن كارخانىلار يەنىلا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشماقتا. ھازىر ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق 5G ئاساسىي پونكىتىنى كۆپەيتىمىز. 4-ئايدا، 5G ئابۇنتى بىر ئايدا 7 مىليوندىن ئارتۇق كۆپىيىپ، 36 مىليوندىن ئاشتى.

ئۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئۈچ ئەمەلىي كۆرۈنۈشنى تونۇشتۇردى: بىرىنچى، يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ جىددىي بولغان چاغدا، ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن 5Gنى سىنلىق ئۇلاش ئارقىلىق، ئېغىر كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇپ، كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

ئىككىنچى، ۋىدېيو ئۇلانمىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى، 5G + 4K ياكى 8K تېخنىكىسى ئارقىلىق، چوڭ ئېكراننىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى.

ئۈچىنچى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىشلەتكەن ھولوگرافىيەلىك دېتال، گەرچە مۇخبىرنىڭ ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولسىمۇ، لېكىن قارىماققا خۇددى يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرغاندەكلا بولىدۇ.

مياۋ ۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئۈچ كۆرۈنۈشنىڭ ھەممىسى 5G تور ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا، ئاساسىي پونكىتنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە بىزنىڭ ئىشلىتىشىمىزنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا تېخىمۇ كۆپ 5G كۆرۈنۈشىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.








欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://www.tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5