TASAWUR教育平台

标题: يېقىندا 2G تورى ۋە 3G تورى توختىتىلىشى مۇمكىن [打印本页]

作者: TASAWUR5uW2S8dM    时间: 2020-5-28 10:42
标题: يېقىندا 2G تورى ۋە 3G تورى توختىتىلىشى مۇمكىن
يېقىندا 2G تورى ۋە 3G تورى توختىتىلىشى مۇمكىن

(2G和3G可能要被取消)


(, 下载次数: 2415)

پەن-تېخنىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىز 2G تورىدىن 5G تورىغىچە بولغان كۆچمە تورنىڭ تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈردۇق. نۆۋەتتە 5G دەۋرى يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا كۆپ كىشىلەر 2G ۋە 3G تورىنى ئىشلەتمەكتە.


                               
登录/注册后可看大图

يېقىندا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان نەرسە تورىدا 2G تورى ۋە 3G تورىنىڭ ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن يېقىندا بۇ ئىككى تورنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا گوۋۇيۈەن ئۇچۇر ئالاقە تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋېن كۇ مۇخبىرنىڭ 2G ۋە 3G تورىنىڭ چېكىنىشى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا قارىتا، جۇڭگونىڭ 5G دەۋرىنىڭ باشلىنىۋاتقانلىقىنى، 2G ۋە 3G تورىنىڭ چېكىنىشىنىڭ دەۋرنىڭ مۇقەررەرلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بولسا، 4G تورىنىڭ قاپلىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە 5G تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، نەرسە تورىنىڭ يېڭى ئېھتىياجىنى ئۈزۈكسىز قاندۇرۇش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نەرسە تورىدا 2G تورى بىلەن 3G تورىنى توختىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى 4G تورى ۋە 5G تورىغا يۆتكەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.


                               
登录/注册后可看大图

دېمەك 2G ۋە 3G تورى ئېلىمىزنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىدىن چېكىنىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. ئەمدى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ ئابۇنتلارنىڭ تور ئالماشتۇرۇشىغا يېتەكلىشىگە ئىلھام بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاستوتا بايلىقى ۋە تور بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇنى 4G ۋە 5G كۆچمە تورىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىپ، تەننەرخنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىپ، ئېلىمىزدىكى بارلىق خەۋەرلىشىش تورىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ.


                               
登录/注册后可看大图

بۇ خىل ئەھۋال تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار ياشانغانلار يانفونىنى ئەمدى ئىشلىتەلمەمدۇق، دەپ ئەندىشە قىلىشقان. نېمىلا دېگەن بىلەن نۆۋەتتە 2G ۋە 3G يانفونى ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. لېكىن بۇ ئىككى تورنىڭ شاللىنىشىمۇ دەۋرنىڭ مۇقەررەرلىكى. ئەلۋەتتە، بۇ ئىككى تور توختىتىلغاندىن كېيىن، 2G ۋە 3G تورىنىلا قوللايدىغان يانفونلارنىڭ تورىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن بۇ ئەمدىدىن باشلاپ ياشانغانلار يانفونىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى يانفون ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى 4G تورىنى قوللايدىغان ئىقتىدارلىق يانفون (كۇنۇپكىلىق يانفون ياكى ياشانغانلار يانفونى)لارنى داۋاملىق ئىشلەپچىقارسا بولىۋېرىدۇ. ھازىرچە، بىزنىڭ بۇلاردىن زىيادە ئەنسىرەپ كېتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى 2G ۋە 3G تورى تېخى توختىتىلمىدى. 2G ۋە 3G تورىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلىنسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆتكۈنچى مەزگىلدە بىز يەنىلا بۇ ئىككى تورنى ئىشلىتەلەيمىز. ئىشقىلىپ، ئىككى كۆچمە تورنىڭ توختىتىلىشى بىرقانچە كۈندىلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس.








欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://www.tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5