TASAWUR教育平台

标题: پۈتۈن دۇنيادىكى 5G ئابۇنتلىرىنىڭ %99تى جۇڭگو بىلەن كورېيەدە ئىكەن [打印本页]

作者: TASAWUR5uW2S8dM    时间: 2020-5-28 11:04
标题: پۈتۈن دۇنيادىكى 5G ئابۇنتلىرىنىڭ %99تى جۇڭگو بىلەن كورېيەدە ئىكەن


پۈتۈن دۇنيادىكى 5G ئابۇنتلىرىنىڭ %99تى جۇڭگو بىلەن كورېيەدە ئىكەن

(世界使用5G用户99%在中国和韩国)



(, 下载次数: 2544)


كورېيە ئېلېكتىرون كەسپىي تور بېكىتى «ZDNet»نىڭ 27-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 2-ئايغىچە، يەر شارى بويىچە 5G كۆچمە خەۋەرلىشىش مىقدارى 32 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، كورېيە بىلەن جۇڭگو بۇنىڭ ئىچىدىكى يېتەكچى كۈچ بولغان. كورېيە ئۇچۇر خەۋەرلىشىش كارخانا پىلانىنى باھالاش مەھكىمىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە يەر شارىدىكى 26 دۆلەت ۋە رايوندا 5G كۆچمە خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودىكى سانى شىددەت بىلەن ئاشقان. بۇ يىل 2-ئايغىچە، جۇڭگودىكى 5G يانفون ئابۇنتى 26 مىليون 130 مىڭغا يېتىپ، يەر شارى ئابۇنتلىرىنىڭ %88ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭغا كورېيەنىڭ بەش مىليون 770 مىڭ (سانلىق مەلۇمات بۇ يىل 4-ئايغىچە ئېلىنغان) نى قوشقاندا، جۇڭگو-كورېيە 5G ئابۇنتىنىڭ دۇنيا بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى %99كە يەتكەن. ئارقىدىكى دۆلەتلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ئەنگلىيەدە 151 مىڭ، ئامېرىكىدا 101 مىڭ، شۋېتسارىيەدە 89 مىڭ، ئىتالىيەدە 65 مىڭ بولغان.


                               
登录/注册后可看大图

بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا 5G بازىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىش جەريانىدا، جۇڭگو-كورېيە ئىككى دۆلەت تور، ئۈسكۈنە ۋە تېرمىنال بازىرىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ئىلگىرى سۈرگۈچىگە ئايلىنىدىكەن. كورېيە گەرچە تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، سودا كۆچمە خەۋەرلىشىشىدىكى 5Gنى ئەڭ بالدۇر ئىشقا ئاشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو غايەت زور ئابۇنتلار توپىغا تايىنىپ، يەر شارى 5G كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ زومىگىرى بولۇپ قالغان. جۇڭگو ئۇچۇر-ئالاقە تەتقىقات يۇرتىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى ئىستاتىستىكىلىق تەھلىلگە ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى 1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە تورغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان يانفون مەھسۇلاتى 106 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 5G يانفونى 57 خىل بولۇپ، پۈتۈنلەي يېڭى تىپى %53.77نى ئىگىلىگەن.

(, 下载次数: 2542)








欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://www.tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5