TASAWUR教育平台

标题: خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ كامېراسى نېمىشقا يەنىلا بىر مىليون پىكسېل؟ [打印本页]

作者: TASAWUR5uW2S8dM    时间: 2020-5-29 11:49
标题: خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ كامېراسى نېمىشقا يەنىلا بىر مىليون پىكسېل؟

خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ كامېراسى نېمىشقا يەنىلا بىر مىليون پىكسېل؟

(?为什么笔记本电脑的摄像头像素是一百万)



(, 下载次数: 3931)

بۈگۈنكى كۈندە خاتىرە كومپيۇتېر مەھسۇلاتلىرى سەپلىمىسى كىشىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ، پەقەت پۇلى يېتەرلىك بولسىلا ئىنتېل Intel 10 ئەۋلاد Core بىر تەرەپ قىلغۇچى، 4K UHD ئېكران، RTX كۆرسىتىش كارتىسى سەپلەنگەن خاتىرە كومپيۇتېرنى سېتىۋالالايدۇ، ھەتتا ناھايىتى يېنىك. ئەمما ھەرقانچە قىممەت خاتىرە كومپيۇتېر بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن 90-يىللاردىكى سەپلىمە ئالدى كامېرانى تاپقىلى بولىدۇ.

گەرچە خاتىرە كومپيۇتېر تېخىمۇ تېز تېخىمۇ كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما خاتىرە كومپيۇتېر كامېراسى ئەزەلدىن دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېتىشەلىگەن ئەمەس، ھەتتا بىر قىسىم OEM مەھسۇلاتلىرىدا بۇ زاپچاسنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۆزئارا سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ ئەرزان Android ياكى iPhoneنىڭ ئالدى كامېراسىمۇ خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ كامېراسىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى.

شەخسىي كومپيۇتېر زاۋۇتلىرى نېمىشقا خاتىرە كومپيۇتېرغا يانفون ئۆلچىمىدىكى ئالدى كامېرا سەپلەشنى ئويلاشمايدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا بەزى چەتئەل تاراتقۇلىرى DELL ۋە AMDدىن سوراپ باققان، ئۇلارنىڭ جاۋابى ئوخشاش بولۇپ: خېرىدارلار كامېرا ئۈچۈن خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋالمايدىكەن، ۋېدىئولۇق پاراڭلاشماقچى، ئۆزىنى سۈرەتكە تارتماقچى ياكى ۋېدىئوغا ئالماقچى ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولسا، ئەقلىي يانفون ئىشلىتىشكە مايىل ئىكەن.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، 20 مىليون پىكسېللىق ئالدى كامېرا سەپلەنگەن خاتىرە كومپيۇتېر ئاڭلىماققا RAM ئاشۇرۇلغاندەك، قاتتىق دېسكىسىنىڭ باھاسى چۈشكەندىكىدەك ئۇنداق كىشىنى ھاياجانغا سالمايدۇ.

شەخسىي كومپيۇتېر زاۋۇتلىرىنىڭ لوگىسى ئەلۋەتتە ماسلىشىشتۇر، ئەمما ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېنىقلا 720p ياكى بىر مىليون پىكسېللىق كامېرا سەپلىنىشىگە نارازىلىق بار. بولۇپمۇ باھاسى 1000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان Surface Laptop 3 15 كومپيۇتېرىغا يەنىلا 720pلىق كامېرا سەپلەنگەندە شۇنداق.










欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://www.tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5