TASAWUR教育平台

标题: ئالىملار 3D بېسىش ئۇسۇلىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى [打印本页]

作者: TASAWUR5uW2S8dM    时间: 2020-5-30 11:15
标题: ئالىملار 3D بېسىش ئۇسۇلىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى



ئالىملار 3D بېسىش ئۇسۇلىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى

(科学家在3D打印技术取得突破性成绩)



چەت ئەل تاراتقۇسى Techspotنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىۋېيتسارىيەنىڭ لوساڭ فېدېراتسىيە تېخنولوگىيە داشۆسى قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئەمەلىي فوتون تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل بۆسۈش خاراكتېرلىك 3D بېسىش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان، بۇ خىل ئۇسۇل پۈتكۈل ساھەنى قاپلىشى مۇمكىن. ئەنئەنىۋى 3D بېسىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئۈنۈملۈكتەك قىلسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئاۋارىچىلىق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرق ئېتىش نىسبىتى ۋە ئىنچىكە ھالقىلارنى بېسىش سەۋىيىسى ئادەتتە ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى.


                               
登录/注册后可看大图

بۇ يېڭى تېخنىكا ئۈزۈلمە قاتلاملىق تەسۋىر كۆچۈرۈش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ بىر چېلەك سۈزۈك سۇيۇقلۇق (كېرەكلىك چىقىرىش مىقدارىغا باغلىق)تىن باشلىنىدۇ، سۇيۇق ھالەتتىكى سۇلياۋ بولسىمۇ ياكى بىيولوگىيەلىك يېلىم بولسىمۇ بولىدۇ، ئۇ پرىنتېرغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئاندىن ئايلىنىشقا باشلايدۇ، خۇددى سېھىرگەرلىككە ئوخشاش بۇ جىسىم قاچىدا پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. تەخمىنەن 30 سېكۇنت ئىچىدە 3D بېسىش جەريانى تاماملىنىدۇ.

Readily3D شىركىتى (بۇ شىركەتنىڭ قۇرۇلۇشى بۇ تېخنىكىنى ئېچىش ۋە سېتىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇر)نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Damien Loterieنىڭ دېيىشىچە، بېسىش جەريانى نۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. لازېر نۇرى تۇڭ ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنى قاتتىقلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن. ئۇ تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «بىز ياسىماقچى بولغان مەزمۇنغا ئاساسەن، ئىنچىكە ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق لازېر نۇرى دەستىسى قارىغا ئالىدىغان ئورۇن ۋە بۇلۇڭنى توغرا ھېسابلايمىز.»

نۆۋەتتە، بۇ يېڭى تېخنىكىدا ئىككى سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى جىسىمنى ياساپ چىققىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى 80 مىكرومېتىرغا يېتىدۇ، يەنى چاچنىڭ دىيامېتىرىغا تەڭ. لېكىن، ئۇلار كەلگۈسىدە 15 سانتىمېتىردىن تۆۋەن قۇرۇلمىنى بېسىپ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

بۇ تېخنىكىنىڭ يوشۇرۇن ئىشلىتىلىش ئورنى ناھايىتى كۆپ. LAPDنىڭ مەسئۇلى Christophe Moser مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ ئۇسۇل بېسىپ چىقارغاندىن كېيىن ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش ھاجەتسىز بولغان كىچىك تىپتىكى سىلىتسىي سمولىسى ياكى ئاكرىلىك كىسلاتا سمولىسى زاپچاسلىرىنى ياساشقا ناھايىتى قولايلىق بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، مېدىتسىنا ۋە بىيولوگىيە ساھەسىدە ئىشلىتىلىشىدىنمۇ ئۈمىد بار، چۈنكى ئۇ ئاۋدىفون ۋە چىش ئاسرىغۇچ قاتارلىق يۇمشاق جىسىملارغا ئىشلىتىلىدۇ.»










欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://www.tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5