TASAWUR教育平台

标题: دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى ھەققىدە(بىرىنجى دەرىجە ) [打印本页]

作者: TASAWUR5uW2S8dM    时间: 2020-6-9 13:31
标题: دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى ھەققىدە(بىرىنجى دەرىجە )

دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە  ئىمتىھانى ھەققىدە

(全国计算机等级考试)

(, 下载次数: 3261)

بىرىنجى دەرىجە ئىمتىھانى
دەرىجىسى : مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش دەرىجىسى ، كومپيۇتېر ئاساسى بىلىملىرى ۋە كومپيۇتېر     ئادەتتىكى مەشغۇلات ئىختىدارى سىنىقى ، ئىشخانا دىتاللىرىنى ئىشلىتىش ،تور بىخەتەرلىكى        سەۋىيە  بىلىملىرى.
پەن تۈرى : كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە   MS Office
   ئىشلىتىش ، كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى     WPS Office
   ئىشلىتىش ، كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى  Photoshop
    ئىشلىتىش   ۋە    تور بىلىملىرى سەۋىيە  بىلىملىرى قاتارلىق تۆت پەن بار . بۇ تۆت پەندىن بىرىنى تاللاپ ئىمتىھانغا      قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولسا بولىدۇ .
ئىمتىھان مەزمۇنى : " كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە    MS Office
  ئىشلىتىش" ، " كومپيۇتېر ئاساسىي    بىلىملىرى ۋە  WPS Office
    ئىشلىتىش" ، " كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە   Photoshop
   ئىشلىتىش"  بۇ ئۈچ تۈرئىمتىھان مەزمۇنى كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە مەشغۇلات ئىلىپ بېرىش تېخنىكىسى قاتارلىق ئىككى    تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ھەر پەننىڭ ئاساسىي بىلىملەرگەبولغان تەلىپى ئوخشاش بولۇپ ،بىلىش ۋە توغرا ئىشلىتىش ئاساس قىلىنغان ، سوئال تۈرى بولسا تاللاش سوئاللىرى ، نومۇر   نىسبىتى سوئال قەغىزىنىنڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ .(20نومۇر )
ئىشخانا دىتاللىرى ئىمتىھانى ، مەشغۇلات تېخنىكا قىسمى ئاساسلىق خەنزۇچە كىرگۈزۈش ، سېستىما ئىشلىتىش ، خەت نۇسىخىسىنى تەڭشەش ، جەدۋەل ئىشلەش ،  ئىشلەش ، Photoshop
نىڭ ئادەتتىكى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئېلىكتىرونلۇق خەت يوللاش ۋە قوبۇل قىلىشنى بىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
       ئىمتىھانى سانلىق رەسىم بىلىملىرىنى ئىگەللەش ،ئاساسىي مەشغۇل ئېلىپ بېرىش ، تىزىملىك رايونىدىكى قوراللارنى ئىگەللەش ۋە شۇلاردىن پايدىلىنىپ سىزىش ،ئۆزگەرتىش ،ياساش،رەسىم قەۋىتىنى ئىشلىتىش ،شەكىللىرى ۋە يېزىق قورالىنى ئىشلىتىشنى بىلىش قاتارلىقلارنى  تەلەپ قىلىدۇ .
  تور بىخەتەرلىكى سەۋىيە  بىلىملىرى ئىمتىھانى تور بىىەتەرلىكى ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملىرىنى  بىلىش ،كومپيۇتېر تورى ۋە تور بىخەتەرلىكىدىكى ئاددي بىلىملارنى ئىگەللەش ھەمدە قانۇنىي  تۈزۈم قائىدە ئۆلچەملەرنى  پىششىق بىلىش ، كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدىكى ھەرخىل تور     بىخەتەرلىكە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىش ، تىپىك بولغان تور   بىخەتەرلىك قوراللىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ .







欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://www.tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5