TASAWUR教育平台

标题: دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى ھەققىدە(ئۈچۈنچى دەرىجە) [打印本页]

作者: TASAWUR5uW2S8dM    时间: 2020-6-9 13:41
标题: دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى ھەققىدە(ئۈچۈنچى دەرىجە)

دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە  ئىمتىھانى ھەققىدە

(全国计算机等级考试)

(, 下载次数: 3212)
ئۈچۈنچى دەرىجە ئىمتىھانى
دەرىجىسى : ئىنژېنېر تەييارلىق دەرىجىسى . ئۈچ باھالاشتا قوللىنىشقا ، كەسىپكە يۈزلەنگەن ئىش ئورنى كەسپىي ماھارىتى قوللىنىدۇ .
پەن تۈرى : تور تېخنىكىسى ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تېخنىكىسى ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تېخنىكىسى ، قىستۇرما سىستېما ئېچىش تېخنىكىسى ، Linux
  قوللىنىش ۋە ئېچىش تېخنىكىسى قاتارلىق جەمئىي بەش پەن . بۇنىڭ ئىچىدە Linux
قوللىنىش ۋە ئېچىش تېخنىكا تۈرى 2020-يىلى 9-ئايدا تۇنجى تۇنجى قېتىم ئىمتىھان ئېلىنغان .
ئىمتىھان مەزمۇنى:
  تور تېخنىكىسى : تور پىلانلاش ۋە لايىھەلەش ، تار دائىرىلىك تور گۇرۇپپىسى تېخنىكىسى ،  كومپيۇتېر تورى ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستىمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە كومپيۇتېر بىلەن باشقۇرۇش .
  سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تېخنىكىسى: سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قوللىنىش سىستېمىسىنى تەھلىلقىلىش ۋە پىلانلاش ،  سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى لايىھەلەش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ساقلاش تېخنىكىسى ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراش ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېڭى تېخنىكىسى.
ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تېخنىكىسى : ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە ئومۇمىي بايان ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئاساسىي تېخنىكىسى پىرىنسىپى ، سىستېما بىخەتەرلىكى ، تور بىخەتەرلىكى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى ۋە قانۇن-نىزاملارنى قوللىنىش  كېرەك .
قىستۇرما سىستېما ئېچىش تېخنىكىسى: قىستۇرما سىستېما ئۇقۇمى ۋە ئاساسىي بىلىم ، قىستۇرما شەكىللىك بىر تەرەپ قىلغۇچ ، قىستۇرما شەكىللىك سىستېما قاتتىق دېتالىنىڭ تۈزۈلىشى ، قىستۇرما سىستېما يۇمشاق دېتالى ، قىستۇرما سىستېما ئېچىش قاتارلىق بىلىم ۋە ماھارەتنى ئىگەللەش .







欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://www.tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5