TASAWUR教育平台

标题: دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى ھەققىدە(تۆتىنجى دەرىجى) [打印本页]

作者: TASAWUR5uW2S8dM    时间: 2020-6-9 13:46
标题: دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى ھەققىدە(تۆتىنجى دەرىجى)

دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە  ئىمتىھانى ھەققىدە

(全国计算机等级考试)

(, 下载次数: 3429)

تۆتىنجى دەرىجىئىمتىھانى
دەرىجىسى : قۇرۇلۇش لايىھەسى ، 4-دەرىجىلىك گۇۋاھنامە 3-دەرىجىلىك ئالاقىدار گۇۋاھنامىسى بارلارغا يۈزلەنگەن،  ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ كومپيۇتېر كەسپىي دەرسلىرىنى تەكشۈرۈشكە يۈزلەنگەن بولۇپ ، قوللىنىشقا يۈزلەنگەن ،كەسىپكە يۈزلەنگەن ئىنژېنېر ئىش ئورنى گۇۋەھنامىسى .
پەن تۈرى : تور ئىنژېنېرى ،سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئىنژېنېرى، سىناق ئىنژېنېرى ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئىنژېنېرى، Linux
قوللىنىش ۋە ئېچىش تېخنىكىسى ئىنژېنېرى قاتارلىق جەمئىي بەش تەكشۈرۈش   تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .  بۇنىڭ ئىچىدە Linux
  قوللىنىش ۋە ئېچىش تېخنىكا تۈرى 2020-يىلى 9-ئايدا تۇنجى تۇنجى قېتىم ئىمتىھان ئېلىنغان .
ئىمتىھان مەزمۇنى:
تور ئىنژېنېرى : كومپيۇتېر تورىنى سىناش ، مەشغۇلات سىستېمىسى پرىنسىپى ئىككى دەرسلىك . سىناش مەزمۇنى تور سىستېمىسىنى پىلانلاش ۋە لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى ۋە ئوتتۇرا ،كىچىك تىپتىكى تور سىستېمىسىنى قۇرۇش ،ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ تەڭشەش ،تور سىستېمىسىنى نەق مەيداندا ئاسراش ۋە باشقۇرۇش ئاساسىي ماھارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئىنژېنېرى: سانلىق مەلۇمات ئامبىرى پىرىنسىپىنى تەكشۈرۈش ، مەشغۇلات سىستېمىسى پىرىنسىپى قاتارلىق ئىككى دەرىسلىك . سىناق مەزمۇنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسى ھەمدە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى لايىھەلەش ، ئاسراش ،باشقۇرۇش ۋە ئەمەلىي ئېچىش ئاساسىي ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئۇچۇر بىخەتەرلىك ئىنژېنېرى : كومپيۇتېر تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ پىرىنسىپىنى سىنايدىغان دەرسلىك . سىناق مەزمۇنى تور ھۇجۇمى ۋە قوغداشنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكىسى ، شۇنداقلا مەشغۇلات سىستېمىسى يولى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ، ئالدىنى ئېلىش ماھارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
قىستۇرما سىستېما ئېچىش ئىنژېنېرى: مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭپىرىنسىپىنى سىناش ، كومپيۇتېرنىڭ تۈزۈلىشى بىلەن ئۇلاش ئېغىزىدىن ئىبارەت ئىككى خىل دەرسلىك . سىناش مەزمۇنى قىستۇرما سىستېمىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى ، لوگىكىلىق توك يولى ئاساسى ھەمدە قىستۇرما سىستېمىدىكى ئۇچۇر ئىپادىلەش ۋە ھېسابلاش ،باھالاش ئۇسۇلى قاتارلىق ئاساسىي ماھارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە  ئالىدۇ .







欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://www.tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5