TASAWUR教育平台

标题: DDOS ھەققىدە چۈشەنچە [打印本页]

作者: TASAWUR    时间: 2020-6-15 08:36
标题: DDOS ھەققىدە چۈشەنچە
DDOS ھەققىدە چۈشەنچە
(DDOS概念)

(, 下载次数: 3426)

DDOS ھۇجۇمى دىگەن نىمە ؟
ئاددىي بىر مىسال ئالساق . مەن بىر ئاشخانا ئاچتىم . نورمال ئەھۋالدا بىرلا ۋاقىتتا 30 ئادەم تەڭلا غېزالالىنالايدۇ . ئاشخانامنىڭ سودىسى ياخشى بولىۋاتقان بىر كۈنلەردە مەن بىر لۈكچەك بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالدىم . ئۇ گۇي 300 ئادەمنى ياللىۋىلىپ بىرلا ۋاقىتتا مېنىڭ ئاشخانامغا مىھمان بولغىلى كەلدى . گەرچە مۇ «مىھمانلار» مۇ باشقا نورمال مىھمانلارغا ئوخشاش بولسىمۇ لىكىن ئاشخانامنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا ۋاقىتتا سىغدۇرالايدىغان مىھمان سانى 30 . شۇنىڭ بىلەن ئاشخانامنىڭ نورمال مۇلازىمەت ھالىتى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى .


                               
登录/注册后可看大图

يۇقارقى ئەھۋال دەل DDOS ھۇجۇمىنىڭ ئەمەلىيى تۇرمىشىمزىدىكى ئېنىقلىمىسى . DDOS ھۇجۇمىنى كەسپىيراق چۈشەنسەك : قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپلىگەن مۇلازىمەت تەلىپى «请求» ئەۋەتىش ئ‍ارقىلىق مۇلازىمىتىرنى بىھۇدە خورىتىپ نورمال مۇلازىمەت قىلالماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇش جەريانىدۇر .

DDOS ھۇجۇمى تۈرلىرى
كۆپ ئۇچرايدىغان DDOS ھۇجۇمىلىرىدىن cc ھۇجۇمى بار بولۇپ ، cc ھۇجۇمى ئادەتتە مۇلازىمىتېرغا  مۇلازىمىتېرنىڭ بىر تەرەپ قىلىش چېكىدىن ئارتۇق تەلەپ يوللاش ئارقىلىق مۇلازىمىتېرنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ . مەسىلەن مەزكۇر تور بېكەتكە ھەر سېكونىتتا 200-300 گىچە تەلەپ يوللىسڭىز بەلكىم شۇ زامانلا پالاچ ھالەتكە چۈشۈپ قىلىشى مومكىن . چۈنكى مەنمۇ DDOS ھۇجۇمىدىن مۇدائىپەلىنىش توغۇرلۇق جىق نەرسە ئۇقمايمەن.سىناپ بىقىڭلا قېنى [لول لول لول ]

DDOS ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش
ئەلۋەتتە DDOS ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ بىرىنجى قەدىمى  پىروگرامما ۋە ساندانىڭىزنى ۋاقتىدا  زاپاسلاش . [ لول لول لول ] .
ئىككىنجىدىن ، HTTP تەلىپىنى تاسقاش ؛ يەنى بىنورمال ھىس قىلغان HTTP تەلىپىنىڭ IP ۋە User Agent خاسلىقىغا ئاساسەن چەكلىۋىتىش ياكى تەلەپ مىقدارىنى كونتىرول قىلىش .HTTP تەلىپىنى تاسقاشتا ئادەتتە مۇلازىمىتېر قوغداش تېمى «防火墙» ۋە مۇلازىمىتېر دېتالى «Web 服务器» تەڭشىكى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ . بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىپ باقساق بولىدۇ .


DDOS ھۇجۇمى كۆپ تۈرلىك بولغاچ ، DDOS ھۇجۇمىدىن مۇتلەق مۇداپىئەلىنىش ئەسلا مومكىن بولمايدىغان ئىش ، لىكىن ھەر تۈرلۈك ئاماللار بىلەن DDOS ھۇجۇمىنىڭ زىيىنى ۋە دائىرىسىنى كونتىرول قىلىشقا  بولىدۇ .







欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://www.tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5