• تېلفۇن نۇسقىسى

    تېلىفۇندا كۆرۈڭ

  • سالون

    سالوننى قوشۇڭ

ياخشىمۇ سىز؟
تىز كىرىش
  • بۇ يەرنى بىسىڭ

    خىزمەت ۋاقتى :8:00-20:00

    تېلفۇن

    0991-8521481

    ئىلخەت

    1772205928@qq.com
  • سولونىمىزنى قوشۇڭ

    تىلفۇندا زىيارەت قىلىڭ

  • سېكانىرلاڭ

    سالونىمىزغا ئەگىشىڭ

Lv.7 باشقۇرغۇچى
2002نۇمۇرلۇق تورداش,117ئاكتىپلىقى,2020/12/26 ئۈگۈنۈش
  • 9يوللاش
  • 9تېما
  • 1ئەگىشىش
  • 7دوسلىرىم
ۋاقتىنچە ئۇچۇر قالدۇرمىغان
مۇنەۋۋەر خادىملارتېخىمۇ كۆپ
دەرسخانا مۇنبىرىتېخىمۇ كۆپ
开启左侧

[يېڭى تېمىلار] ئامېرىكا DNS مۇلازىمىتىرىنى تاقىۋەتسە،جۇڭگو توردىن غايىب بولامدۇ

[复制链接]
Abduxkur 发表于 2021-1-10 20:51:44 | 显示全部楼层 |阅读模式 打印 上一主题 下一主题
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TASAWURY1jTxBI3 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2021-1-10 21:05  

ئامېرىكا DNS مۇلازىمىتىرىنى تاقىۋەتسە،جۇڭگو توردىن غايىب بولامدۇ


QQ截图20210110210451.png



ئامېرىكا «تورنى تازىلاش» ھەركىتىنى باشلىغاندىن كىيىن ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى تېخنىكا كاتتىباشلىرىنى سوتقا تارتىشى، جۇڭگو كارخانىلىرى مەھسۇلاتلىرى (ئۈندىدار، دوۋيىن)نى چەكلەش قاتارلىق قىلمىشلىرى ئىنتېرنېت تورى دۇنياسىنى سارەسىمىگە سىلىشقا باشلىدى. تور دۇنياسىنى سەل-پەل چۈشىنىدىغانلار ئامېرىكىنىڭ ساراڭلىق قىلىپ خەلىقئارا ئىنتېرنېت تورى تور نامى مۇلازىمىتىرى (DNS) نى تاقىۋىتىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەنسىرەشنىڭ باشلانغىنىغا بىر ئىككى يىللا بولمىغان ئىدى.

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى» دە مۇتەخەسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن ئىدى : «نۆۋەتتە ئامېرىكا يەر شارى ئالاقە تورىنىڭ 13 دانە تور نامى مۇلازىمىتىرى (DNS) غول مۇلازىمېتىرىنىڭ 10نى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، پەقەت غول مۇلازىمېتىردا مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ دائىرە نامىنى توسۇپ قويسىلا، شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك تور نامى ئىشلەتكەن تور بېكەتلىرىنى توردىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە «يوقىتالايدۇ». مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا دۇنيادا تەڭداشسىز تور تىزگىنلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تور چېگراسى ۋە تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. مەسىلەن، ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، ئىراقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تور نامى «iq» نى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش خىزمىتى توختىتىلغان، بارلىق تور ئادرېسى «iq.»نى ئارقا قوشۇمچە قىلغان تور بېكەتلەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئىنتېرنېت تورىدىن غايىب بولغان.»
«ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە ئالاقە مەخپىيەتلىكى» ژۇرنىلىنىڭ 2014 -يىللىق 10 -سانىدىكى بىر پارچە ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان : «2004 -يىلى، لىۋىيە بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك رايون نامىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش يۈز بەرگەنلىكتىن، ئامېرىكا لىۋىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رايون نامى LY نىڭ چۈشەندۈرۈلۈش مۇلازىمىتىنى توختىتىپ، لىۋىيەنىڭ توردىن ئۈچ كۈن يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.»
ئۇنداقتا بىز ئامېرىكىنىڭ بىزنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك تور نامىنى چەكلىۋىتىشىدىن ئەنسىرىشىمىز كىرەكمۇ؟ ياكى قانداق قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىگە مۇھتاج؟ بۇ ھەقتە گەپنى ئاۋۋال DNS ھەققىدىكى چۈشەنچىلەردىن سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ. DNS ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلىسەك كىتاب بولۇپ كىتىشى ئېنىق، شۇڭا بۇ يەردە نىسبەتەن ئاددىي ھالدا چۈشەنچە بىرەيلى.

DNS دىگەن نىمە؟
DNS ئىنگىلىزچە ئاتالغۇ Domain Name System نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئىنتېرنېت تورىدىكى تور نامى (域名) ئانالىتىك (解析) قىلىدىغان مۇلازىمەتتۇر. تېخىمۇ ئاددىي ئىيتساق DNS تور نامىنى IP غا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان مۇلازىمەتتۇر. كومپىيوتېر ئىنتېرنېت تورى IP ئارقىلىق ئالاقە قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچ، ئىنسانلار تور نامى ئىجاد قىلدى. تور نامى پەيدا بولغاندىن كىيىن ئىنسانلارنىڭ مۇرەككەپ IP ئادىرىسلىرىنى ئەستە ساقلىمىسىمۇ، پەقەت تور نامىنى يادىدا ساقلىسىلا بولىدىغان بولدى. ۋاقتى كەلگەندە DNS مۇلازىمىتى تور نامىنى ماس IP غا ئۇلاپ بېرەتتتى.

ئىنتېرنېت تورىدىكى DNS مۇلازىمىتىرى

                               
登录/注册后可看大图
نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا 13 يەردە يىلتىز DNS مۇلازىمىتىر بازىسى بار. بۇنىڭ ئىچىدە 10 ى ئامېرىكىدا، ئەنگىلىيە، شۋېتسىيە ۋە ياپۇنىيەدە بىردىن بار. بۇ 13 مۇلازىمىتىر بازىسىغا A-M گىچە بولغان ھەرپلەردە رەت تەرتىپ ئورنىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە A نۇقتا بۇ 13 يىلتىز نۇقتىنىڭمۇ يىلتىزىدۇر. ئەمما بۇ 13 نۇقتا ھەرگىزمۇ پەقەت 13 دانە كومپىيوتېرلا بار دىگەنلىك ئەمەس، بۇ 13 نۇقتا لوگىكا ئۇقىمىدىكى 13 نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەر بىر يىلتىز DNS مۇلازىمىتىردا نەچچە ئونىلىغان يۈزلىگەن يۇقىرى سەپلىمىلىك مۇلازىمىتىرلار خىزمەت قىلىدۇ. 2020-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە پۈتۈن يەر شارىدىكى يىلتىز DNS مۇلازىمىتىر بازىسىدىكى مۇلازىمىتېر سانى 1097 گە يەتكەن. ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېڭى ئېھتىياجلار سەۋەبلىك، يېقىنقى يىللاردا كۆپلىگەن DNS مۇلازىمىتىرى تەسۋىر نۇقتىلىرى (镜像基地) قۇرۇلدى. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگومۇ بار. جۇڭگودىكى تەسۋىر نۇقتىلىرى جەمئىي 28 دانە بولۇپ، بىيجىڭدا 5، شاڭخەيدە 1، خاڭجوۋدا 2، ۋۇخەندە 1، جىڭجوۋدا 1، شىنىڭدا 1، گۈيياڭدا 1، گۇاڭجوۋدا 1، شىياڭگاڭدا 9، تەيبىيدا 6 دانە بار.

تەسۋىر نۇقتا دىگەن نىمە؟
تەسۋىر نۇقتىنى ئاددىيلا چۈشەنسەك يىلتىز نۇقتىلارنىڭ نۇسخىلانمىسى يەنى زاپاس نۇسخىسى دىيىشكە بولىدۇ. تەسۋىر نۇقتا قەرەرلىك ھالدا يىلتىز نۇقتىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزىگە ماسقەدەملەپ، يەر شارى خارەكتېرلىك ئىنتېرنېت تورىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىش رولىنى ئۆتەيدۇ.

يىلتىز DNS نۇقتىلىرىنىڭ باشقۇرۇلىشى
نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارىدىكى 13 يىلتىز DNS مۇلازىمىتىرىنى 12 ئورگان بۆلۈشۈپ باشقۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 10 نۇقتا، يەنى كىلىپ بۇ 10 نۇقتا ئىچىدىكى A نۇقتا ئامېرىكا شىركىتى Verisign نىڭ باشقۇرۇشىدا. A نۇقتىدىكى DNS مۇلازىمىتىرى يادرولۇق ھۆججەتلىرى ICANN تەرىپىدىن باشقۇرىلىدۇ. ICANN بولسا ( The Internet Corporation for Assigned Names and Numbers، ئىنتېرنېت تورى نامى ۋە رەقەملىك ئادرېس تەقسىملەش ئاپپاراتى ) بولۇپ، 1998 - يىلى ئامېرىكىدا رويخەتكە ئالدۇرغان پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتتۇر.

DNS باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ تارىخىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، DNS نىڭ ئەڭ دەسلەپكى تېخنىكىسىنى ياراتقۇچى ۋە باشقۇرغۇچىسى ئامېرىكا جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور Jon Postel بولۇپ، ئۇ ئىنتېرنېت تورىنىڭ دەسلەپكى يىلتىز DNS نى باشقۇرۇش ۋە تەقسىملەش ئىشلىرىنى باشقۇرغان.
1988-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى Jon Postel دىن تېخىمۇ بىخەتەر ۋە تېخىمۇ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، ئىنتېرنېت تورىنىڭ يادرولۇق بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن داڭلىق IANA ( The Internet Assigned Numbers Authority، ئىنتېرنېت تورى رەقەملىك تەقسىملەش ئاپپاراتى ) قۇرۇلدى ھەمدە DARPA بىلەن جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى تەتقىقات ئورنى ( ISI ) نىڭ توختامى بويىچە باشقۇرۇلدى.
1998 -يىلى ICANN قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ICANN غا توختام شەكلىدە IANA نىڭ كۈندىلىك ئايلىنىشىنى ھاۋالە قىلدى، IANA ISI دىن ICANN نىڭ ئاستىغا يۆتكەلدى.

يۇقىرى دەرىجىلىك تور نامىنى باشقۇرۇشتا، ICANN نىڭ سىياسىتى شۇكى، ھەر بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تور نامى ( مەسىلەن com، cn، org غا ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك تور نامى، 1000 دىن ئاشىدۇ ) نىڭ ھەممىسىگە بىردىن ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى ئورگان ياكى شىركەت تېپىلىدۇ، بۇ تور نامىدىكى بارلىق ئىشلارغا ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ.
cn تور نامىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى تەرەپ جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇر مەركىزى ( CNNIC ) بولۇپ، ئۇ cn تور نامىغا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى بەلگىلەيدۇ. com، net، name، gov دىن ئىبارەت بۇ تۆت يۇقىرى دەرىجىلىك تور نامىنى Verisign شىركىتى ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ.

Verisign بىلەن ICANN ئارىسىدا نەچچە قېتىملىق سۈركىلىشلەر بولغان.
2003-يىلى، Verisign بىر تۈرلۈك يېڭى كەسىپ Site Finder نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئىشلەتكۈچىلەر تىزىمغا ئالدۇرمىغان com ياكى net ناملىرىنى زىيارەت قىلسا، ھەممىسى Verisign تور بېكىتىگە ئاتلايدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن. بۇ ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بارلىق تىزىمغا ئالدۇرمىغان com ۋە net ناملىرىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، Verisign تور بېكىتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئالدىنقى 10 چوڭ تور بېكەتلار قاتارىغا كىرگەن. بۇ ئىشقا قارىتا ICANN تەرەپ Verisign دىن بۇ كەسىپنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر توختاتمىسا تور نامى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش توختامىنى توختىدىغانلىقىنى ئىيتقان. ئاخىرىدا Verisign تەرەپ تىز پۈكۈپ بۇ ئىش بېسىققان، لېكىن ئارقىدىنلا Verisign تەرەپ ICANN ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان.
2006-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئۇلار سوت سىرتىدا يارىشىپ قالدى. ICANN تەرەپ Verisign نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تور نامىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش توختامىنى ئۇزارتىشقا قوشۇلدى ھەمدە Verisign نىڭ ئىستېمالچىلاردىن ئالىدىغان يەككە ساھە نامىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققىنىڭ يۇقىرى چېكىنى 6 دوللاردىن 7.85 دوللارغا ئۆستۈرۈشكە قوشۇلدى. بۇ ھەق ئۆلچىمى بۈگۈنگىچە قوللىنىلىپ كەلدى، سىز com ياكى net تور نامىنى رويخەتكە ئالدۇرسىڭىز، تاپشۇرغان پۇلىڭىزنىڭ 0.18 ئامېرىكا دوللىرى ICANN يىغىدىغان باشقۇرۇش ھەققى، 7.85 ئامېرىكا دوللىرى Verisign يىغىدىغان ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ھەققى، قالغان پۇللار تور نامىنى پارچە سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ ھەققىدۇر.

دۆلىتىمىزدىكى تەسۋىر نۇقتىلىرى
2003 -يىلى جۇڭگو تېلېگرافى دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تەسۋىر نۇقتىسى F نى كىرگۈزدى.
2005 -يىلىCNNIC جۇڭگودىكى ئىككىنچى تەسۋىرى نۇقتىسى L نى تەسىس قىلدى.
2006 - يىلى جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ( ئەسلىدىكى جۇڭگو تور خەۋەرلىشىشى ) ئامېرىكا VeriSign شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۆلەت ئىچىدە J تەسۋىر مۇلازىمەتچىسىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرە نامى «COM» ۋە «NET» تەسۋىر نۇقتىسىنى كىرگۈزدى؛ بۇ تەسۋىر كىرگۈزۈشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى يىلتىز تور نامى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تور نامىنىڭ ئانالىتىك ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىدى.
2014-يىلى ئەسىر ئالاقە تورى شىركىتى بىلەن ICANN ھەمكارلىشىپ جۇڭگودا يەنە بىر L نۇقتا تور نامى مۇلازىمەتچىسى تەسۋىر نۇقتىسىنى كۆپەيتتى.
2019 ـ ي‍‍ىلى 6 ـ ئ‍‍اينىڭ 24 ـ ك‍‍ۈنى س‍‍انائەت ۋە ئ‍‍ۇچۇرلاشتۇرۇش م‍‍ىنىستىرلىقى CNNIC نىڭ F، I، K، L تەسۋىر نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىشىنى تەستىقلىدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىق ھۆججىتىدىن ICANN نىڭ تەسۋىر نۇقتىسىنى ئىشلىتىش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، دۆلەت مەنپەئەتى ۋە ئابونتلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى ھەمدە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

ئامېرىكا DNS غا قانداق ھىيلە-مىكىر ئىشلىتەلەيدۇ؟
گەرچە ICANN بىر مۇستەقىل پايدا ئالمايدىغان ئاپپارات بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەجبۇرلاش كۈچىنى ئىشقا سالسا، A يىلتىز ( ئاساسىي يىلتىز )نۇقتىنىڭ مەزمۇنىدا يەنىلا ئۆزگەرتىلىش ئېھتىمالى مەۋجۇت بولىدۇ. ئەگەر A يىلتىزدا cn تور نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئۆچۈرۋىتىلسە، ناھايىتى تېزلا بارلىق يىلتىز نۇقتىلار ۋە تەسۋىر نۇقتىلىرىغا ماس قەدەمدە يېتىپ بارىدۇ. باشقا يىلتىز ۋە تەسۋىر نۇقتىلاردىكى غەملىك ئۇچۇرىنىڭ (缓存) ۋاقتى ئۆتكەندىن كىيىن پۈتۈن يەر شارىدىكى كىشىلەر cn تور نامى بىلەن ئاخىرلاشقان تور بىكەتلەرنى زىيارەت قىلالمايدۇ.

قوغدىنىش تەدبىرىمىز بارمۇ؟
ئەلۋەتتە بار. جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق تور ئىلتىماسى چوقۇم تەسۋىر نۇقتا (镜像) دىن ئۆتۈپ ئاندىن خەلقئارا يىلتىز نۇقتىغا ئۇلىنىدۇ. دىمەك تەسۋىر نۇقتىنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقى يەنىلا بىزنىڭ قولىمىزدا. ناۋادا ئامېرىكا تەرەپ خەلىقئارا DNS يىلتىز مۇلازىمىتىرىغا ئۆزگەرتىش قىلسا، دۆلىتىمىزدىكى تەسۋىر نۇقتىلار يىلتىز نۇقتىدىكى ئۆزگەرتىشلەرنى ئۆزىگە ماس قەدەملىمىسە ياكى ماس قەدەملىگەندە cn تور نامىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگەرتىشلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلسا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا جۇڭگو دۆلەت ئىچىدە يەنىلا cn تور نامىنى نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.

                               
登录/注册后可看大图
ئەلۋەتتە بۇخىل ئەندىزە پەقەت دۆلەت ئىچىدىكى زىيارەتچىلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. چۈنكى تەسۋىر نۇقتىدىكى ئۆزگەرتىشمۇ تىزلا پۈتۈن يەر شارىدىكى باشقا تەسۋىر نۇقتا ۋە يىلتىز نۇقتىلارغا ماس قەدەملىنىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ ماس قەدەملەش لوگىكىسىنى كونتىرول قىلالىغان بىلەن باشقا نۇقتىلار يەنىلا بىزنىڭ كونتىروللىقىمىزدا ئەمەس. بۇ مەسىلىگە قارىتا جۇڭگو تەرەپ يەنە ئاكتىپ ھالدا باشقا دۆلەت ۋە رايوندىكى يىلتىز نۇقتا ۋە تەسۋىر نۇقتىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ cn تور نامىغا ئالاقىدار ئۆزگەرتىشلەرنى ماس قەدەملەشنى توختىتىش ياكى نەزەردىن ساقىت قىلىش بىردەكلىكىگە كىلەلەيدۇ. چۈنكى ئامېرىكىدىن باشقا يىلتىز نۇقتا ۋە تەسۋىر نۇقتىلارغا ئىگە دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن نورمال ئالاقىنى ساقلاشقا تېرىشىدىغان دۆلەتلەردۇر.

دىمەك ئامېرىكا خەلىقئارا DNS يىلتىز مۇلازىمىتىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ cn تور نامىنى چەكلىگەن تەقدىردىمۇ، ئاخىرىدىكى نەتىجە شۇكى، يەر شارىدا پەقەت ئامېرىكىلا cn تور نامىنى زىيارەت قىلالمايدۇ. ئامېرىكا ئۆزىنى ئۆزى ئوينىدى دىگەنلىكتۇر. ئەلۋەتتە، ھازىرقى خەلىقئارا ئىنتېرنېت تورىنىڭ باشقۇرۇش مىخانىزىمى بارغانسىرى مۇكەمللىشىپ، باشقۇرۇش ھوقۇقى پۈتۈن دۇنيادىكى بىر قانچە نۇقتىغا تەقسىملىنىۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ خەلىقئارا ئىنتېرنېت تورىنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقىمۇ خەلىقئارا قانۇننىڭ نازارىتى ۋە چەكلىمىسى بىلەن بۇرۇنقىدەك يۈكسەك باشقۇرۇش ھوقوقىغا ئىگە ئەمەس. ئامېرىكا تەرەپمۇ بۇنداق قىلىشنىڭ جىق رولى يوقلىقىنى بىلىدۇ، ھەم بۇنداق قىلىشىمۇ ئىھتىماللىقتىن يىراق.


回复

使用道具 举报

您需要登录后才可以回帖 登录 | تىزىملىتىڭ

本版积分规则

ھەمكارلىق كومپىيوتېر تەربىيلەش مۇلازىمىتىمىز
ۋىلايەت دەرىجىلىك ئۈستەل كومپىيوتېرى يىللىق ئىلان لاھىيلەش
شەھەر دەرىجىلىك خاتېرە كومپىيوتېر پەسىللىك توربەت يىزىش
ناھىيە دەرىجىلىك سەپلىمىلەر بىرگە - بىر ئەپ يىزىش
يىزا دەرىجىلىك قوراشتۇرۇش توردىن ئۈگىنىش تور نامى -بوشلۇق
深圳塔萨吾尔电子科技有限公司