找回密码
 تىزىملىتىڭ

手机短信,快捷登录

开启左侧

ئىلگىرى دۇنيادا1-ئورۇنداتۇرغان يانفون ھازىر ۋەيران بولۇش ئالدىدا

作者:Ali | 时间:2021-3-22 18:46:11 | 阅读:15149| 显示全部楼层
ئىلگىرى دۇنيادا1-ئورۇنداتۇرغان يانفونھازىر ۋەيران بولۇش ئالدىدا
曾经世界第一的手机,现在真的要完蛋了?
1.jpg
توۋتياۋ تورى خەۋىرى:

ياپونىيەنىڭ يانفونىنى تىلغا ئالغاندا كۆپچىلىكقايسى ماركىنى ئويلايدۇ؟ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى سونىي ئېرىكسوننىمۇ ياكى ھازىرقىسونىي ماركىسىنىمۇ؟ ۋە ياكى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون چىقارغانشارپنىمۇ؟ بەلكىم يەنە بەزىلەر دۇنيادا تۇنجى بولۇپ كامېرالىق يانفوننى بازارغاسالغان kyoceraنى يادىغا كەلتۈرۈشىمۇمكىن.

شۇنداق دېيىشكەبولىدۇكى، ياپونىيە يانفونلىرى ئىلگىرى كىشىلەرنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرغان. بىراقبۇ بەش يىل، 10 يىل ۋە ھەتتاكى 20 يىل بۇرۇنقى ئىش.
3.jpg
2.jpg
ھازىر ياپونىيەيانفونلىرىنى دۆلىتىمىزدىلا ئۇچرىتىش تەس بولۇپ قالماي، ھەتتا ياپونىيەنىڭئۆزىدىمۇ ياپونىيەدە ئىشلەنگەن يانفونلارنىڭ ھالى يىلدىن-يىلغا خارابلاشماقتا.چۈنكى، ھازىرقى ياپونىيە يانفون بازىرى ئاساسەن iPhone تەرىپىدىنمونوپول قىلىنغان ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ.
4.png
داڭلىق بازارتەتقىقات ئورگىنى IDC يېقىندا ئېلان قىلغان ياپونىيە ئەقلىيفونمال چىقىرىش مىقدارى پەسىللىك دوكلاتىغا قاراپ باقايلى. كۆرمەمسىلەر، پەقەتئالمىدىن ئىبارەت بىرلا ماركا پۈتكۈل ياپونىيە يانفون بازىرىنىڭ يېرىمىنىيۇتۇۋالغان. ئالدىنقى بىر قانچە ياپونىيە ماركىلىرىدىن پەقەت شارپ، kyocera، سونىي قاتارلىق ئۈچىلا قېپقالغان. بىراق، بۇ ئۈچىنىڭ بازارئۈلۈشىنىڭ يىغىندىسى %25.8، بازارنىڭ 1/4ىنى ئاران ئىگىلەيدۇ. ئەقىلگەسىغمايدىغاندەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟
5.png
10 نەچچە يىل بۇرۇنياپونىيە يانفونلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چوڭ شىركەتلەر بىلەن كۈچسىنىشقۇدەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، ئارقىدىن تۇيۇقسىزلا «دېمى ئىچىگە چۈشۈپ،شۈك بولۇپ كەتتى».

回复

使用道具 举报

您需要登录后才可以回帖 登录 | تىزىملىتىڭ