• تېلفۇن نۇسقىسى

    تېلىفۇندا كۆرۈڭ

  • سالون

    سالوننى قوشۇڭ

ياخشىمۇ سىز؟
تىز كىرىش
  • بۇ يەرنى بىسىڭ

    خىزمەت ۋاقتى :8:00-20:00

    تېلفۇن

    0991-8521481

    ئىلخەت

    1772205928@qq.com
  • سولونىمىزنى قوشۇڭ

    تىلفۇندا زىيارەت قىلىڭ

  • سېكانىرلاڭ

    سالونىمىزغا ئەگىشىڭ

Lv.2 رەسمىي ئەزا
936نۇمۇرلۇق تورداش,98ئاكتىپلىقى,2020/05/16 ئۈگۈنۈش
  • 25يوللاش
  • 25تېما
  • 0ئەگىشىش
  • 0دوسلىرىم
ۋاقتىنچە ئۇچۇر قالدۇرمىغان
مۇنەۋۋەر خادىملارتېخىمۇ كۆپ
دەرسخانا مۇنبىرىتېخىمۇ كۆپ
开启左侧

كۋانت كومپيۇتېر دورا تەتقىقاتىدا شۇنچە مۇھىممۇ؟

[复制链接]
TASAWUR5uW2S8dM 发表于 2020-5-28 10:28:50 | 显示全部楼层 |阅读模式 打印 上一主题 下一主题
كۋانت كومپيۇتېر دورا تەتقىقاتىدا شۇنچە مۇھىممۇ؟

(研究微型电脑药真的有那么重要吗?)




03.png



                               
登录/注册后可看大图



ۋاقىت ۋە تەننەرخنى ئازايتىشنىڭ بىر ياخشى ئۇسۇلى ئىنسانلار نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىممەت ھەم ۋاقىت ئۈنۈمى تۆۋەن بولغان تەتقىق قىلىش ۋە سىناق قىلىش جەريانىنى كومپيۇتېر تەقلىدىي مۇھىتىغا يۆتكەشدۇر.

بۈگۈن ئىنسانلار مولېكۇلا سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەگەر ئىنسانلارنىڭ چەكسىز ھېسابلاش ئىقتىدارى بولسا، بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئاددىي ھالدا سىكاننېرلىغىلى ھەم ھەر بىر مولېكۇلىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى داۋالاش ياكى ۋاكسىنىغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ھېسابلىغىلى بولىدۇ. بىز پەقەت بۇ مولېكۇلىلارنى تەقلىدىي مۇھىتقا كىرگۈزۈپ، ئاندىن خىمىيەلىك بوشلۇقتا تاللاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقساقلا بولىدۇ.


ئەگەر ئەنئەنىۋى كومپيۇتېر ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇلسا، ئۇنداقتا ئىنسانلار بۇ نىشاننى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. نېمە ئۈچۈن كۋانت كومپيۇتېرى تەقلىدىي مولېكۇلا جەھەتتە ئەنئەنىۋى كومپيۇتېردىن كۆپ ياخشى؟

ئېلېكترون بىر خىل كۈچلۈك مۇناسىۋەتلىك شەكىلدە مولېكۇلىلار ئارىسىدا تارقىلىدۇ، ھەر بىر ئېلېكتروننىڭ ئالاھىدىلىكى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇنىڭغا قوشنا ئېلېكترونلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تايىنىدۇ. بۇ كۋانت باغلىنىشى (ياكى چىرمىشىش) كۋانت نەزەرىيەسىنىڭ يادروسى بولۇپ، كىلاسسىك كومپيۇتېر ئارقىلىق ئېلېكتىروننى تەقلىد قىلىشنى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تاشقى ئۆسۈكچە ئاقسىلى نەچچە مىڭلىغان ئاتومنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭا ئەنئەنىۋى كومپيۇتېر بۇنىڭغا تامامەن تاقابىل تۇرالمايدۇ. ئاقسىلنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى كىلاسسىك تەقلىدىي ئۇسۇل بىلەن توغرا تەقلىد قىلىشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، ھازىرقى ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېردىمۇ ھەم شۇنداق. گەرچە خىمىيە ئالىملىرى ۋە دورا ياساش شىركەتلىرى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ مولېكۇلانى تەقلىد قىلغان بولسىمۇ (گەرچە ئاقسىلدەك چوڭ بولمىسىمۇ)، لېكىن ئۇلارنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنى ئىنتايىن قوپال مولېكۇلا مودېلى بولۇپ، بۇ مودېللار مۇكەممەل تەقلىد قىلىنغان تەپسىلاتلارنى تۇتالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۆلچەردە غايەت زور پەرق كېلىپ چىقىدۇ.

بەلكىم نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاندىن ئاقسىلنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەقلىد قىلالايدىغان مولېكۇلانى ياساپ چىققىلى بولىدىغان يېتەرلىك چوڭلۇقتىكى كۋانت كومپيۇتېرىنى ياساپ چىققىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنداق كومپيۇتېرنىڭ بارلىققا كېلىشى، دورا ياساش ۋە خىمىيە سانائىتى مەشغۇلات ئۇسۇلىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

نەچچە ئون يىلدىن كېيىن، مۇۋاپىق تېخنىكا بارلىققا كېلىپ، ئىنسانلار پۈتكۈل جەرياننى كومپيۇتېر تەقلىدىگە يۆتكىيەلەيدىغان بولىدۇ، ئىنسانلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرەت بىلەن نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. بىر خىل يېڭى تارقىلىشچان كېسەللىك پەيدا بولغاندا، ئالىملار بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بىر خىل يوشۇرۇن ۋاكسىنا ياكى دورىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ ھەم تەتقىق قىلىپ چىقالايدۇ.

بۇ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كۋانت كومپيۇتېرغا بىر خىل تېخنىكا سۈپىتىدە سىجىل مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. خۇددى پروفېسسور گاۋ شىنى 2018-يىلى نۇتۇقىدا ئېيتقىنىدەك: «لامپۇچكىنىڭ بارلىققا كېلىشى ياساش تېخنىكىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولغانلىقىدىن ئەمەس. لامپۇچكا تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلمىي چۈشەنچىنى ئاساس قىلغان ئوخشىمىغان تېخنىكا. بۈگۈنكى كومپيۇتېر ھازىرقى زامان تېخنىكىسىدىكى مۆجىزە، ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىدۇ. ھالبۇكى، ھەرقانچە كۈچلۈك ئەنەنىۋى كومپيۇتېرمۇ دورا تەتقىقاتىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. ئۇ بۇ ۋەزىپىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان يېڭى تېخنىكا كۋانت كومپيۇتېرغا موھتاجدۇر.»



回复

使用道具 举报

您需要登录后才可以回帖 登录 | تىزىملىتىڭ

本版积分规则

ھەمكارلىق كومپىيوتېر تەربىيلەش مۇلازىمىتىمىز
ۋىلايەت دەرىجىلىك ئۈستەل كومپىيوتېرى يىللىق ئىلان لاھىيلەش
شەھەر دەرىجىلىك خاتېرە كومپىيوتېر پەسىللىك توربەت يىزىش
ناھىيە دەرىجىلىك سەپلىمىلەر بىرگە - بىر ئەپ يىزىش
يىزا دەرىجىلىك قوراشتۇرۇش توردىن ئۈگىنىش تور نامى -بوشلۇق
深圳塔萨吾尔电子科技有限公司